خاتايدا بىر تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
خاتاينىڭ ئامانوس تاغلىق رايونىدا ئېلىپ بېرىلغان زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە بىر تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.
1295397
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خاتاي ۋالىيلىق مەھكىمىسى بايانات بېرىپ، ۋىلايەتلىك ژاندارما قومانلىقى تەرىپىدىن پىلانلىق ھالدا ئېلىپ بېرىلغان زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزاسى بىر تېررورچىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى. باياناتتا، خەلقىمىزنىڭ خاتىرجەملىك ۋە بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش مەقسىتىدە رايوندا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىنىڭ كۈنسېرى كۈچەيتىلگەن ھالدا داۋاملاشتۇرۇلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيە ئۇرۇش پاراخوتلىرى قىبرىس پورتلىرىغا لەڭگەر تاشلايدۇ
تۈركىيە ئۇرۇش پاراخوتلىرى شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى (KKTC) پورتلىرىنى زىيارەت قىلىدۇ.