«<پەنچە> ھەربىي ھەرىكىتى» داۋامىدا نۇرغۇن تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

ئىراقنىڭ شىمالىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان « ھەربىي ھەرىكىتى» داۋامىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك لىق 4 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

1295105
«<پەنچە> ھەربىي ھەرىكىتى» داۋامىدا نۇرغۇن تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۈركىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئىراقنىڭ شىمالىي قىسمىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان «<پەنچە> ھەربىي ھەرىكىتى» جەريانىدا، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا ئائىت قورال - ياراغ، ئوق – دورا ئىسكىلاتلىرى، پاناھ جايلارنى يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىلىش پائالىيەتلىرى ئىزچىل داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، تۈركىيە ئالاھىدە قىسىملىرىنىڭ ھافتانىن رايونىدا ئېلىپ بارغان چارلاش ھەرىكىتى ئەسناسىدا پ ك ك لىق 4 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىنغان.

باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، ھەربىي ھەرىكەتلەر بارلىق تېررورچىلار ئۈزۈل - كېسىل بىر تەرەپ قىلىنغانغا قەدەر ئىزچىل داۋاملىشىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر