چاۋۇشئوغلۇ باكۇدا بىر قاتار دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن كۆرۈشتى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، ئەزەربەيجاننىڭ پايتەختى باكۇدا بىر قاتار دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن كۆرۈشتى.

1293953
چاۋۇشئوغلۇ باكۇدا بىر قاتار دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن كۆرۈشتى
cavusoglu-Jorge Arreaza.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، ئەزەربەيجاننىڭ پايتەختى باكۇدا ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زەرىف بىلەن كۆرۈشتى.

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ 18 – نۆۋەتلىك ئىتتىپاق تۈزمەسلىك ھەرىكىتى يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن بارغان باكۇدا ئالاقىدار ئەمەلدارلار بىلەن ئايرىم ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزدى.

ئالدى بىلەن ئىرانلىق مەنسەپدېشى مۇھەممەد جەۋاد زەرىف بىلەن كۆرۈشكەن مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، ئارقىدىن مالايشىيا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سەيفۇددىن ئابدۇللاھ ۋە ۋېنېزۇئېلا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جورج ئاررىئازا بىلەن كۆرۈشتى.

چاۋۇشئوغلۇ تۈنۈگۈن ئىتتىپاق تۈزمەسلىك ھەرىكىتىنىڭ پەلەستىن تېمىلىق مىنىستىرلار كومىتېتى يىغىنىغا ئىشتىراك قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر