رۇسىيە تاراتقۇلىرى ئەردوغان – پۇتىن ئۇچرىشىشىغا كەڭ ئورۇن ئاجراتتى

رۇسىيە تاراتقۇلىرى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ سوچى شەھىرىدە ئىشقا ئاشۇرۇلغان ئۇچرىشىشىغا كەڭ ئورۇن ئاجراتتى.

1293329
رۇسىيە تاراتقۇلىرى ئەردوغان – پۇتىن ئۇچرىشىشىغا كەڭ ئورۇن ئاجراتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيەنىڭ «‹ RIA Novosti› خەۋەر ئاگېنتلىقى»، «پۇتىن بىلەن ئەردوغان سۈرىيەنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىش خاراكتېرلىك ھەل قىلغۇچ باياناتلارنى بەردى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ سۈرىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش ئىرادىسىنىڭ قەتئىيلىكىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

«‹ Kommersant› گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە، ئەردوغان بىلەن پۇتىننىڭ ئۇچرىشىشى ئەسناسىدا ئىمزالانغان كېلىشىم لايىھەسىنىڭ ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «كېلىشىم لايىھەسى ئارقىلىق سۈرىيەنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تەقدىرى ئاساسىي جەھەتتىن بەلگىلەپ چىقىلدى. ئىككى رەھبەرنىڭ ئۇچرىشىشى سۈرىيەدە يېڭى بىر ئۇرۇشنىڭ پارتلىشىنىڭ ئالدىنى ئالدى.»

«‹ Vedomosti› گېزىتى» نىڭ تەخمىنەن 6 سائەت داۋاملاشقان ئۇچرىشىشنىڭ ناھايىتى مۇھىملىقى تەكىتلەنگەن خەۋىرىدە، رۇسىيە بىلەن تۈركىيەنىڭ سۈرىيەدە بىخەتەر رايوننىڭ چېگرا لىنىيەلىرى مەسىلىسىدە پۈتۈشكەنلىكىنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

رۇسىيەنىڭ «‹ TASS › ئاگېنتلىقى»، «رۇسىيە بىلەن تۈركىيە سۈرىيەدە ئەسەبىيلىككە قارشى بىرلىكتە  كۈرەش قىلىش مەسىلىسىدە پۈتۈشتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى مەلۇماتلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

رۇسىيە بىلەن تۈركىيە تېررورىزمغا قارشى بىرلىكتە  كۈرەش قىلىدۇ. ھەر ئىككى دۆلەت سۈرىيەلىك مۇساپىرلارنىڭ ئۆز يۇرتىغا بىخەتەر ھەم ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن قايتىش باسقۇچىغا ھەسسە قوشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر