تۈركىيە يەمەنگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بەردى
تۈركىيە قىزىلئاي جەمئىيىتى يەمەننىڭ شەرقىدىكى مەغرىب شەھىرىدە ئىچكى كۆچمەنلەرگە 900 يېشىك يېمەك - ئىچمەك بۇيۇملىرى تارقىتىپ بەردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە قىزىلئاي جەمئىيىتى يەمەن ھەيئىتىنىڭ مەسئۇلى مۇستافا ئايدىن، يەمەن قىزىلئاي جەمئىيىتى بىلەن ماس قەدەمدە خىزمەت ئىشلەپ، مەغرىب شەھىرىدە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرىغا مۇھتاج ئىچكى كۆچمەن ئائىلىلەرگە 900 يېشىك يېمەك - ئىچمەك بۇيۇملىرىنى تارقىتىپ بەرگەنلىكلىرىنى، بۇ ياردەملەرنىڭ يېقىندا يەمەننىڭ باشقا شەھەرلىرىدىكى مۇھتاجلارغا تارقىتىپ بېرىلىدىغان 5 مىڭ يېشىكلىك يېمەك - ئىچمەك بۇيۇملىرىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
ئىگىلىنىشىچە، ئۇزۇندىن بۇيان سىياسىي مۇقىمسىزلىق ھۆكۈم سۈرۈۋاتقان يەمەندە ھۇسىيلار بىلەن ھۆكۈمەتكە قاراشلىق كۈچلەر ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇشلار يۈز بەرمەكتە ئىكەن.
ھۇسىيلار 2014 – يىلى سېنتەبىردىن بۇيان پايتەخت سانا ۋە بەزى رايونلارنى كونتىرول قىلسا، سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش كۈچلىرى 2015 – يىلى مارتتىن بۇيان ھۇسىيلارغا قارشى يەمەن ھۆكۈمىتىگە ياردەم بەرمەكتە ئىكەن.
ئاچارچىلىق، خولېرا، توقۇنۇش ۋە ھاۋا ھۇجۇملىرى سەۋەبىدىن پۇقرالار ئېغىر بەدەللەرنى تۆلەۋاتقان يەمەن ئېچىنىشلىق ئىنسانىي تىراگېدىيەگە سەھنە بولماقتا ئىكەن.