ۋاندىن قايغۇلۇق خەۋەر كەلدى

ۋاننىڭ چالدىران ناھىيەسىدە تېررورچىلارنىڭ چېگرا لىنىيەسىنىڭ ئىران تەرىپىدىن ئوق چىقىرىشى نەتىجىسىدە بىر ئەسكەر شېھىت بولدى.

1290205
ۋاندىن قايغۇلۇق خەۋەر كەلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋان ۋالىي مەھكىمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، چالدىران ناھىيەسىگە جايلاشقان ئۇزۇنيول چېگراسىدىكى قاراۋۇلخانا ۋە سوغۇقسۇ رايونىدا چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقان ئەسكەرلەر تۈنۈگۈن كەچتە سائەت 10 ئەتراپىدا چېگرا لىنىيەسىنىڭ ئىران تەرىپىدىكى تېررورچىلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. ئەسكەرلەرنىڭمۇ قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈشى جەريانىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، بىر ئەسكەر شېھىت بولغان، ئىككى ئەسكەر يارىلانغان. يارىلانغان ئەسكەرلەر تىك ئۇچار ئايروپىلان بىلەن ۋان ۋىلايەتىك يۈزىنچى يىل ئۇنىۋېرسىتېتى تەتقىقات دوختۇرخانىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر