«تېررورچىلار دۆلىتى قۇرۇپ چىقىش پىلانىنى پاش قىلدۇق»
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ باشقىلارنىڭ تېررورچىلار دۆلىتى قۇرۇپ چىقىشتىن ئىبارەت سۇيىقەستلىك پىلانىنى تارمار قىلغانلىقلىرىنى ئېيتتى.
1289849
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تۈركىيە سۈرىيەدە «فىرات دەرياسى» نىڭ شەرقىي قىسمىدا تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى قوزغىغان «<تىنچلىق بۇلىقى> ھەربىي ھەرىكىتى» توغرۇلۇق تۈنۈگۈن تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدە چاقىرىلغان پارلامېنت ئەزالىرىغا مەلۇمات بېرىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: «بەزى دۆلەتلەرنىڭ <تىنچلىق بۇلىقى> ھەربىي ھەرىكىتىدىن نارازى بولۇشلىرىنىڭ سەۋەبى، بىزنىڭ ئۇلارنىڭ تېررورچىلار دۆلىتى قۇرۇشتىن ئىبارەت سۇيىقەستلىك پىلانىنى تارمار قىلىشىمىزدۇر. ئۇلارنىڭ بىزگە ئەنە شۇنداق ھۇجۇم قىلىشلىرىنىڭ يەنە بىر سەۋەبى بولسا مەقسەتلىرىگە يېتەلمىگەنلىكىدىندۇر.»