پ ك ك تەرەپدارلىرى پەلەستىنلىك جەسۇر قىزنىڭ سۈرىتىنى تۈرك ئەسكەرلىرىگە قارشى سۇيىئېستىمال قىلدى

تىنچلىق بۇلىقى ھەربىي ھەرىكىتىنى قارىلاش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقان ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى پ ك ك تەرەپدارلىرى، «پەلەستىنلىك جەسۇر قىز – ئاھەد ئەتتەمىمى» نىڭ كۆرۈنۈشلىرىنى تۈركىيەگە قارشى سۇيىئىستېمال قىلدى.

1289783
پ ك ك تەرەپدارلىرى پەلەستىنلىك جەسۇر قىزنىڭ سۈرىتىنى تۈرك ئەسكەرلىرىگە قارشى سۇيىئېستىمال قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ، جەنۇبىي چېگراسىدا شەكىللەندۈرۈلمەكچى بولغان تېررور كارىدورىنى يوقىتىپ تاشلاپ، رايونغا تىنچلىق ۋە خاتىرجەملىك ئېلىپ كېلىش مەقسىتىدە باشلىغان تىنچلىق بۇلىقى ھەربىي ھەرىكىتىگە قارشى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان قارىلاش دولقۇنىدا، ئىسرائىلىيە ئىشغالىغا قارشى پەلەستىن قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىنىڭ سىمۋولىغا ئايلانغان «پەلەستىنلىك جەسۇر قىز – ئاھەد ئەتتەمىمى» نىڭ كۆرۈنۈشلىرى سۇيىئىستېمال قىلىندى.

تىنچلىق بۇلىقى ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ ئىلگىرىلىشىگە ئەگىشىپ ي پ گ / پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتى تەرەپدارلىرىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا باشقا ۋەقە ۋە ۋاقىتلاردا تارتىلغان كۆرۈنۈشلەرنى ئۆزگەرتىپ تارقىتىش ئۇرۇنۇشلىرى ھانزەلە جاسارەت مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن «پەلەستىنلىك جەسۇر قىز – تەمىمى» نىڭ سىمۋوللاشقان كۆرۈنۈشلىرىگىمۇ قول ئۇزارتتى.

2012 – يىلى ئاكىسى نازارەت ئاستىغا ئېلىنغاندا تەمىمىنىڭ ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىگە كۆرسەتكەن قارشىلىقىنىڭ كۆرۈنۈشلىرىنى ي پ گ / پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتى تەرەپدارى بىر ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئابونىتى، ۋىدېئودىكى ئىسرائىلىيە ئەسكىرىنىڭ ئۈستىگە تۈركىيە بايرىقىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ كىشىلەرنى قايمۇقتۇرۇشقا ئۇرۇندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر