«بىخەتەر رايون دائېشقا قارشى كۈرەشكە زىيان يەتكۈزمەيدۇ»
جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن بىخەتەر رايوننىڭ دائېشقا قارشى كۈرەشكە زىيان يەتكۈزمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.
1289854
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن «<تىنچلىق بۇلىقى> ھەربىي ھەرىكىتى» توغرۇلۇق بەرگەن باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «تۈركىيە قۇرماقچى بولغان بىخەتەر رايون ھېچبىر شەكىلدە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى كۈرەشكە زىيان يەتكۈزمەيدۇ.»