تۈركىيە ياپونىيەگە تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە، ياپونىيەدە مەيدانغا كەلگەن خاگىبىس بورىنىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ئۈچۈن ياپونىيە خەلقىگە تەزىيە بىلدۈردى.

1287432
تۈركىيە ياپونىيەگە تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، «ياپونىيەدە مەيدانغا كەلگەن خاگىبىس بورىنى پەيدا قىلغان سۇ ئاپىتى ۋە كەلكۈنلەر سەۋەب بولغان ئادەم ئۆلۈش ۋە تالاپەتلەردىن چوڭقۇر قايغۇرماقتىمىز. ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ يېقىن – يۇرۇقلىرى ۋە ياپونىيە خەلقىگە سەمىمىي تەزىيە بىلدۈرىمىز، يارىدارلارغا تېز شىپالىقلار تىلەيمىز» دېدى.

ياپونىيەدە مەيدانغا كەلگەن خاگىبىس بورىنىدا 40 ئادەمنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقى، 100 ئەتراپىدا ئادەمنىڭ يارىلانغانغانلىقى، ئىزدېرەكسىز يوقاپ كەتكەن 17 ئادەمنى ئىزدەش قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر