«<تىنچلىق بۇلىقى> ھەربىي ھەرىكىتى» دە بىر تەرەپ قىلىنغان تېررورچىلارنىڭ سانى كۆپەيمەكتە

سۈرىيەنىڭ شىمالىغا جايلاشقان «فىرات دەرياسى» نىڭ شەرقىي قىسمىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا داۋاملىشىۋاتقان « ھەربىي ھەرىكىتى» جەريانىدا بىر تەرەپ قىلىنغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/پ ي د/ي پ گ تېررورچىلىرىنىڭ سانى 415 كە يەتتى.

1286797
«<تىنچلىق بۇلىقى> ھەربىي ھەرىكىتى» دە بىر تەرەپ قىلىنغان تېررورچىلارنىڭ سانى كۆپەيمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 9 – ئۆكتەبىر كۈنى باشلانغان «<تىنچلىق بۇلىقى> ھەربىي ھەرىكىتى» داۋامىدا بىر تەرەپ قىلىنغان  بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/پ ي د/ي پ گ تېررورچىلىرىنىڭ سانى 415 كە يەتكەن.

باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، تۈركىيە قىسىملىرىنىڭ «فىرات دەرياسى» نىڭ شەرقىي قىسمىدىكى ئامېرىكا قىسىملىرىنىڭ كۆزىتىش نۇقتىسىغا ھۇجۇم قىلغانلىقى يالغان ئىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ  ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئەمەلدارى، مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا بەرگەن باياناتىدا،  سۈرىيەدە ئەين ئەلئەرەب (كوبانى) ئەتراپىدا ئامېرىكا قىسىملىرىغا ئائىت بىر كۆزىتىش نۇقتىسىغا يېقىن جايدا پارتلاش يۈز بەرگەنلىكىنى، لېكىن بۇ پارتلاشنىڭ كىم تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغانلىقىنىڭ تېخىچە ئېنىق ئەمەسلىكىنى، بۇ ھەقتە ئۇچۇر توپلاشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېگەن: «پارتلاشتا ھېچبىر ئەسكىرىمىز زىيانغا ئۇچرىمىدى، بۇ پارتلاشنىڭ كىم تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى بىلمەيمىز، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ پارتلاشنىڭ ئاڭلىق ھالدا ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنى نىشان قىلىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر