دۆلەت خەۋپسىزلىك ئورگىنى ئەردوغاننىڭ رىياسەتچىلىكىدە يىغىن چاقىردى

تۈركىيە، سۈرىيەدە بىخەتەر رايون بەرپا قىلىش يولىدىكى سەمىمىي تىرىشچانلىقلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ.

1279221
دۆلەت خەۋپسىزلىك ئورگىنى ئەردوغاننىڭ رىياسەتچىلىكىدە يىغىن چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت خەۋپسىزلىك ئورگىنى تۈنۈگۈن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رىياسەتچىلىكىدە يىغىن چاقىردى. يىغىندىن كېيىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، تۈركىيەنىڭ سۈرىيەدە بىخەتەر رايون بەرپا قىلىش يولىدىكى تىرىشچانلىقلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىنىڭ قەتئىي ئىرادە بىلەن داۋاملاشتۇرۇلىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان باياناتتا، «پەنچە ھەربىي ھەرىكەتلىرىنىڭ رايون تېررورچىلاردىن تەلتۈكۈس تازىلانغۇچە داۋاملىشىدىغانلىقى تەكىتلەپ ئۆتۈلدى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

دۆلەت خەۋپسىزلىك ئورگىنىنىڭ باياناتىدا يەنە، تۈركىيەنىڭ شەرقىي ئاق دېڭىزدىكى ھەق – ھوقۇقىنى قوغداشنى ۋە شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى بىلەن تۈزۈلگەن كېلىشىملەر دائىرىسىدە پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر