ئەنقەرە گىرېتسىيە، جەنۇبىي قىبرىس رىم دائىرىلىرى ۋە مىسىرنىڭ قوشما باياناتىغا نارازىلىق بىلدۈردى

ئەنقەرە، گىرېتسىيە، مىسىر ۋە جەنۇبىي قىبرىس رىم دائىرىلىرىنىڭ تۈركىيەگە قارىتا ئېلان قىلغان قوشما باياناتىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.

1278160
ئەنقەرە گىرېتسىيە، جەنۇبىي قىبرىس رىم دائىرىلىرى ۋە مىسىرنىڭ قوشما باياناتىغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھامى ئاقسوي، 3 دۆلەتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ نيۇ يورك شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندىن كېيىن ئېلان قىلىنغان قوشما باياناتتىكى تۈركىيەگە قارشى ئاساسسىز ئىبارىلەرنى پۈتۈنلەي رەت قىلىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ھامى ئاقسوي بۇ ھەقتىكى يازما باياناتىدا، گىرېتسىيە ۋە جەنۇبىي قىبرىس رىم دائىرىلىرىنىڭ خەلقئارا قانۇنغا زىت سىياسەتلىرىگە يېقىنقى مەزگىللەردە ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى بىلەن بىرگە رايون دۆلەتلىرىنىمۇ قوشۇشقا ئۇرۇنۇشىنىڭ، شەرقىي ئاق دېڭىزنىڭ تىنچلىق ۋە مۇقىملىقىغا پايدىلىق ئەمەسلىكىنى قەيت قىلدى.

ھامى ئاقسوي باياناتىدا، «رايون دۆلەتلىرىنىڭ ئەگە مەسىلىلىرى ۋە قىبىرس مەسىلىسىدە نە سالاھىيەتلىرى، نە مەسئۇلىيەتلىرى، نە دەيدىغان سۆزلىرى يوقتۇر. شەرقىي ئاق دېڭىزدا تۈركىيەنى ۋە قىبرىس تۈركلىرىنى نەزەردىن ساقىت قىلىش ۋە يالغۇز قالدۇرۇش يولىدىكى سىياسىي مۇددىئالار بىلەن تاشلانغان قەدەملەرنىڭ ئۇتۇققا ئېرىشىش مۇمكىنچىلىكى يوق. ئۇنىڭ ئۈستىگە، گىرېتسىيەنىڭ بىر تەرەپتىن بىز بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىش تەكلىپلىرىنى يوللاپ، يەنە بىر تەرەپتىن دۆلىتىمىزگە قارشى ئاساسسىز دەۋالارنى ئوتتۇرىغا قويۇشىمۇ سەمىمىيەتسىزلىكىنىڭ ناماياندىسىدۇر» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئاقسوي، «رايوندا تۈركىيە ۋە قىبرىس تۈركلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغان لايىھەلەر ھېچقاچان تەسىر يارىتالمايدۇ. شەرقىي ئاق دېڭىزدا دۆلىتىمىز ۋە قىبرىس تۈركلىرىنىڭ ھەقلىرىنى قوغداشنى ئاداققىچە داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.

گىرېتسىيە، مىسىر ۋە جەنۇبىي قىبرىس رىم دائىرىلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ نيۇ يوركتىكى يىغىنىدىن كېيىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، تۈركىيەنىڭ ئەگە ۋە شەرقىي ئاق دېڭىزدا قانۇنسىز پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر