چاۋۇشئوغلۇ: بىخەتەر رايون شەكىللەندۈرۈش پىلانىنىڭ تەرەققىياتىدىن قايىل ئەمەسمىز

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ سۈرىيەنىڭ شىمالىدا بىخەتەر رايون شەكىللەندۈرۈش پىلانىنىڭ تەرەققىياتىدىن قايىل ئەمەسلىكلىرىنى ئېيتتى.

1277930
چاۋۇشئوغلۇ: بىخەتەر رايون شەكىللەندۈرۈش پىلانىنىڭ تەرەققىياتىدىن قايىل ئەمەسمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 74 – نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭەش يىغىنى ئۈچۈن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ نىيۇ يورك شەھىرىدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا بۇ ھەقتە توختالغاندا، تۈركىيەنىڭ ئاساسلىق نىشانىنىڭ بۇ رايوندىكى تېررورچىلارنى قوغلاپ چىقىرىش ۋە تازىلاش ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بۇ ھەقتە بىزگە ۋەدە بەرگەن، شۇڭا ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىشى كېرەك. تېررورچىلار چىقىپ كەتكەندىن كېيىن شەكىللىنىدىغان بىخەتەر رايوندا ۋەزىپە ئۆتەيدىغان بىخەتەرلىكنى قوغداش قىسىملىرى بىلەنمۇ، يەرلىك ھۆكۈمەتلەر بىلەنمۇ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە ئۇ يەردىكى يەرلىك گۇرۇپپىلار بىلەنمۇ، يەرلىك خەلق بىلەنمۇ ھەمكارلىشالايمىز، ئەمما ي پ گ / پ ك ك/پ ي د بىلەن ئەسلا ھەمكارلىشالمايمىز. بىخەتەر رايون شەكىللەنگەندىن كېيىن بۇ يەرگە قايتىشنى خالايدىغان كىشىلەرگىمۇ ياردەم بېرىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. ئەگەر بۇ پىلاننى ئىجرا قىلالمىساق، بىزنىڭ ماڭىدىغان بىرلا يولىمىز قالىدۇ، ئۇ بولسىمۇ بىزنىڭ ئۇ يەرگە كىرىپ، تېررورچىلارنى بۇ رايوندىن تازىلىشىمىزدۇر.»

چاۋۇشئوغلۇ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا بىخەتەر رايون مەسىلىسىدە بېرىلگەن مۆھلەتنىڭ توشقانلىقىغا ئالاقىدار سوئالغا جاۋاب بەرگەندە، بۇ مۆھلەتنىڭ ئىككى ھەپتىلىك ئەمەسلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بىخەتەر رايون بەرپا قىلىش پىلانىنىڭ تەرەققىياتىدىن قايىل ئەمەسمىز، بۇنى ئامېرىكىلىقلارغىمۇ ئوچۇق - ئاشكارا ھالدا ئېيتتۇق، شۇڭا ئامېرىكا تەرەپ داۋاملىق بۇنداق ئالداش تاكتىكىسىنى قوللانسا، بىزمۇ ئۆز ئالدىمىزغا ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىمىزنى ھەمىشە تەكىتلەپ كېلىۋاتىمىز.»

مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جامال قاشىقچىنىڭ قەتل قىلىنىشى مەسىلىسى توغرۇلۇق توختالغاندا، سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسى شاھزادە مۇھەممەد بىن سەلماننىڭ مەسئۇلىيەتنى قوبۇل قىلىشىنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى، ئەمما بۇنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «ئوتتۇرىدا بىر جىنايەت بار، بۇ جىنايەتنى سادىر قىلغۇچىلارمۇ ئېنىق، شۇڭا جاۋابكارلار ھېساب بېرىشى، سوتقا تارتىلىشى كېرەك. بۇ ھەقتە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭمۇ ئوچۇق - ئاشكارا پوزىتسىيە تۇتۇشىغا توغرا كېلىدۇ. مەسئۇلىيەتنى قوبۇل قىلىش مۇھىم، ئەمما ھېساب بېرىشمۇ مۇھىم. تېخىچە جاۋابلانمىغان سوئاللار بار؛ جەسەتنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولدى؟ قەيەردە؟ يەرلىك ھەمكارلاشقۇچىلار كىم ياكى كىملەر؟ بىزنىڭ بىردىنبىر ئارزۇيىمىز مۇنداق: ئوتتۇرىدا بىر جانايەت بولغان ئىكەن، ئۇنداقتا جىنايەت سادىر قىلغۇچىلار چوقۇم ئادالەت ئالدىدا ھېساب بېرىشى لازىم.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر