ئەردوغان ئىنستىگرامدا فوتوگرافلىرىنى ھەمبەھىرلىدى
تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىدە يېقىنقى 15 يىلدا سۆزلىگەن نۇتۇقلىرى جەريانىدا توپلانغان فوتوگرافلىرىنى ئىنستىگرامدا ھەمبەھىرلىدى.
1275627
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ب د ت نىڭ 74-قېتىملىق ئومۇمىي كېڭەش يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن يېتىپ بارغان ئامېرىكانىڭ نىيۇ يورك شەھىرىدە، بۈگۈن (24-سېنتەبىر) ئومۇمىي كېڭىش يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ۋە ئومۇمىي كېڭەشكە خىتاب قىلدى.
ئۇ سۆز قىلىشتىن بۇرۇن ئىنستىگرام ئادرېسىدىن 15 يىللىق فوتوگرافلىرىنى ھەمبەھىرلىدى. ئۇ ئۇچۇرىدا مۇنداق دېدى:
«يېقىنقى 15 يىلدىكى ب د ت نۇتۇقلىرىمنىڭ 10 فوتوگرافى. يىللاردىن بۇيان بۇ كۇرسىدا پۈتكۈل دۇنياغا ھەقىقەتلەرنى ۋە ھەقنى قانداق ئاڭلاتقان بولساق، بۈگۈنمۇ ئوخشاش ئۇسۇل، ئوخشاش ئېتىقاد ۋە كۈچ بىلەن، دۇنياغا جاكارلاۋاتىمىز: دۇنيا بەشتىن چوڭدۇر.»