ئەمىنە ئەردوغان ب د ت مۇھىت ئاسراش كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى بىلەن كۆرۈشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رەپىقىسى ئەمىنە ئەردوغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇھىت ئاسراش كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى ئىنگېر ئاندېرسېن بىلەن كۆرۈشتى.

1275404
ئەمىنە ئەردوغان ب د ت مۇھىت ئاسراش كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەمىنە ئەردوغان ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نىيۇ يوركتا چاقىرىلغان 74 – نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭەش يىغىنى دائىرىسىدە، ب د ت مۇھىت ئاسراش كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى ئىنگېر ئاندېرسېن بىلەن بىر يەرگە جەم بولدۇق. ئۇچرىشىشتا، تۈركىيە مۇھىت ئاسراش ۋە شەھەرچىلىك ئىشلىرى مىنىستىرلىقى بىلەن ب د ت مۇھىت ئاسراش كومىتېتى ئوتتۇرىسىدا داۋاملىشىۋاتقان ھەمكارلىقتىن سىرت يەنە، <قالدۇقلاردىن خالىي مۇھىت بەرپا قىلىش لايىھەسى> ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كاربوم بۇلغنىشىنى ئازايتىش، دېڭىزدا بىيولوگىيەلىك جانلىقلارنى قوغداش، ھاۋا  بۇلغىنىشى قاتارلىق مەسىلىلەردە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلدى. 2020 – يىىل چاقىرىلىدىغان <ئوكيان باشلىقلار يىغىنى>  غا تەكلىپ قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئاندېرسېنغا رەھمەت ئېيتىمەن.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر