چاۋۇشئوغلۇ ئەرمېنىيەنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، ئەرمېنىيەنىڭ ئەزەربەيجانغا قارىتىۋاتقان قانۇنسىز پوزىتسىيەسىنى يەنە بىر قېتىم ئەيىبلىدى.

1275250
چاۋۇشئوغلۇ ئەرمېنىيەنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ 74 – نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭىشى باشلىقلار يىغىنى جەريانىدا، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ، ئەرمېنىيەنىڭ ئەزەربەيجانغا قارىتىۋاتقان ھۇجۇمچى پوزىتسىيەسى توغرىسىدىكى يىغىنىدا، ئەرمېنىيەنىڭ قانۇنسىز پوزىتسىيەسىنى ئەيىبلەيدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

چاۋۇشئوغلۇ يىغىندىن كېيىن ئىجتىمائىي تاراتقۇ تورى تىۋىتتېردىكى ئادرېسى ئارقىلىق ئۇچۇر تارقىتىپ، «ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئەرمېنىيەنىڭ ئەزەربەيجانغا تۇتۇۋاتقان ھۇجۇمچى پوزىتسىيەسى توغرىسىدىكى يىغىنىدا، ئەرمېنىيەنىڭ قانۇنسىز پوزىتسىيەسىنى يەنە بىر قېتىم ئەيىبلىدۇق. تەشكىلاتنىڭ ئالاقە گۇرۇپپىسىنىڭ، ھەقلىق دەۋاسىدا ئەزەربەيجانغا ياردەمچى بولۇشى ئۈچۈن مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدۇق» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر