تۈركىيە ئارمىيەسى تېررورچىلارغا ئەجەللىك زەربە بەردى
تۈركىيە ئارمىيەسى 3 – قېتىملىق « ھەربىي ھەرىكىتى» دائىرىسىدە ئىراقنىڭ شىمالىدىكى ھافتانىن رايونىدا تېررورچىلارغا ئەجەللىك زەربە بەردى.
1273228
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا داۋاملىشىۋاتقان 3 – قېتىملىق «<پەنچە> ھەربىي ھەرىكىتى» دائىرىسىدە، ئىراقنىڭ شىمالىدىكى ھافتانىن رايونىدا ئېلىپ بېرىلغان ھاۋا ھۇجۇملىرىدا، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك تېررورچىلىرىدىن 5 ى بىر تەرەپ قىلىنغان.