چاۋۇشئوغلۇ ۋېنگىرىيە باش مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ۋېنگىرىيەنىڭ پايتەختى بۇداپېشتتا ۋېنگىرىيە باش مىنىستىرى ۋىكتور ئوربان تەرىپىدىن قوبۇل قىلىندى.

1272995
چاۋۇشئوغلۇ ۋېنگىرىيە باش مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چاۋۇشئوغلۇ تۈنۈگۈن تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر ھەمكارلىق كېڭىشى (تۈرك كېڭىشى) نىڭ ياۋروپا ئىشخانىسىنىڭ ئىش باشلاش مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ۋېنگىرىيەدە باش مىنىستىر  ۋىكتور ئوربان بىلەن كۆرۈشتى. ۋېنگىرىيە باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسىدىكى ئۇچرىشىش ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا يېپىق ھالەتتە ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ ئۇچرىشىشتىن كېيىن، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «ۋېنگىرىيەنىڭ پايتەختى بۇداپېشتتا تۈرك كېڭىشىنىڭ ۋاكالەتخانىسىنىڭ ئېچىلىشىنى قوللىغانلىقى ئۈچۈن ۋېنگىرىيە باش مىنىستىرى ۋىكتور ئوربانغا كۆپتىن- كۆپ رەھمەت ئېيتىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر