چاۋۇشئوغلۇ نېتېنياھۇغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئىشغال ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىغا جايلاشقان يەھۇدىيلار ئولتۇراق رايونلىرىنى بېسىۋېلىشنى ۋەدە قىلغان ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.

1267220
چاۋۇشئوغلۇ نېتېنياھۇغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چاۋۇشئوغلۇ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «ھەر قېتىم سايلام ئۆتكۈزۈلۈشتىن بۇرۇن ھەر تۈرلۈك قانۇنسىز، ئادالەتسىز ۋە زوراۋانلىق تۈسىنى ئالغان باياناتلارنى بېرىشنى داۋاملاشتۇرىدىغان بېنيامىن نېتانياھۇنىڭ سايلام ۋەدىسى ئىرقچىلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس. دەرۋەقە،  بىز پەلەستىنلىك قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنى ئاداققىچە قوغداشنى داۋاملاشتۇرىمىز.»

ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇ 17 – سېنتەبىردە مۇددەتتىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلىدىغان سايلام ھارپىسىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، قايتا سايلانغان تەقدىردە، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە، ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىغا جايلاشقان «ئىيوردانىيە ۋادىسى» نى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ھۆكۈمىتى بىلەن ماس قەدەمدە ئىسرائىلىيەنىڭ تېرروتېرىيەسىگە قوشىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغانىدى.

ئۇ، 9 – ئاپرېل كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ئوۇمىي سايلام ھارپىسىدىمۇ، سايلامدا غەلىبە قىلىپ، بىرلەشمە ھۆكۈمەتنى قۇرغان تەقدىردە يەنە شۇنداق قلىدىغانلىقى توغرۇلۇق ۋەدە بەرگەنىدى. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىسرائىلىيە باش ئەلچىسى دەيۋىد فرېدمانمۇ، ئىسرائىلىيەنىڭ ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىغا جايلاشقان بەزى رايونلارنى بېسىۋېلىش ھوقۇقى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نېتېنياھۇنى قوللىغانىدى.

ئىگىلىنىشىچە، ئىسرائىلىيە 1967 – يىلى ئىشغال قىلىۋالغان ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا 250 كە يېقىن قانۇنسىز يەھۇدىيلار ئولتۇراق رايونلىرى بار بولۇپ، بۇ رايونلاردا  400 مىڭدىن  ئارتۇق يەھۇدىي كۆچمەن ياشايدىكەن. خەلقئارا قانۇنغا ئاساسلانغاندا، ئىشغال ئاستىدىكى زېمىنلاردىكى بارلىق يەھۇدىيلار ئولتۇراق رايونلىرى  قانۇنسىز ھېسابلىنىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر