تېررورچىلارغا ئەجەللىك زەبە بېرىلدى
ئىچكى بىخەتەرلىكنى قوغداش ھەربىي ھەرىكەتلىرى دائىرىسىدە دىيارباقىردا 2، ماردىندا بىر تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىچكى بىخەتەرلىكنى قوغداش ھەربىي ھەرىكەتلىرى دائىرىسىدە، دىيارباقىرنىڭ گۆرەسە رايونىدا، دىيارباقىر ۋىلايەتلىك قوراللىق ساقچى قىسىم ۋە ئەلازىغ ۋىلايەتلىك قوراللىق ساقچى قىسىم قوماندانلىق ئىشتابى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان زەربە بېرىش ھەرىكىتى داۋامىدا، ئىككى تېررورچى بىر تەرەپ قىلىنغان.
ماردىننىڭ ئارتۇقلۇ ناھىيەسىدە،ۋىلايەتلىك قوراللىق ساقچى قىسىم قوماندانلىق ئىشتابى ۋە ۋىلايەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى تەرىپىدىن بىرلىكتە ئېلىپ بېرىلغان قوشما ھەربىي ھەرىكەتلەردە بىر تېررورچى بىر تەرەپ قىلىنغان .
باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، بۇ تېررورچى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ «ئاتالمىش ماردىن ۋىلايىتى» ئىچىدە مەسئۇل سەۋىيەسىدە پائالىيەت ئېلىپ بارغان، «ئازاد» تەخەللۇسلۇق ئۇنسۇر ئىكەن.
دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ رايوندىكى زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى داۋاملاشماقتا ئىكەن.