چۇكۇرجادا بىر ئەسكەر شېھىت بولدى

ھاككارىنىڭ چۇكۇرجا رايونىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك تېررورىستلىرى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان سۇنئىي ئۇسۇلدا ياسالغان بومبىنىڭ پارتلىشى سەۋەبىدىن بىر ئەسكەر شېھىت بولدى.

1265796
چۇكۇرجادا بىر ئەسكەر شېھىت بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ھاككارىنىڭ چۇكۇرجا رايونىدا بىر ئەسكەرنىڭ شېھىت بولغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، ھاككارىنىڭ چۇكۇرجا رايونىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ ئالدىن ئورۇنلاشتۇرغان سۇنئىي ئۇسۇلدا ياسالغان بومبىنىڭ پارتلىشى سەۋەبىدىن ئېغىر يارىلانغان بىر ئەسكەرنىڭ دوختۇرخانىدا قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي شېھىت بولغانلىقى قەيت قىلىندى.

رايوندا ھەربىي ھەرىكەتلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، بىزنى چوڭقۇر قايغۇغا چۆمدۈرگەن بۇ ۋەقەدە جېنىدىن ئايرىلغان ئەزىز شېھىتىمىزغا ئاللاھتىن رەھمەت، مۇسىبەتلىك ئائىلىسىگە، تۈركىيە ئارمىيەسىگە ۋە خەلقىمىزگە سەۋر تىلەيمىز» دېيىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر