ئەردوغان: ياۋروپا مۇساپىرلار مەسىلىسىدىكى ۋەدىسىدە تۇرمىسا ئىشىكنى ئېچىۋېتىمىز

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، غەرب دۆلەتلىرىنى ۋەدىسىدە تۇرۇپ مۇساپىرلار مەسىلىسىدە تۈركىيەگە ھەمدەم بولۇشى كېرەكلىكىنى، ئەسكىچە بولغاندا، مۇساپىرلارنىڭ ياۋروپاغا ئۆتۈشى ئۈچۈن يولنىڭ ئېچىۋېتىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1264189
ئەردوغان: ياۋروپا مۇساپىرلار مەسىلىسىدىكى ۋەدىسىدە تۇرمىسا ئىشىكنى ئېچىۋېتىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس، قوشۇمچە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى باشلىقى ئەردوغان، پارتىيەسىنىڭ مەركىزىي بىناسىدا ئۆتكۈزۈلگەن پارتىيەنىڭ ۋىلايەتلىك دەرىجىلىك باشلىقلىرى كېڭەيتىلگەن يىغىنىدا سۆز قىلدى. ئۇ سۆزى جەريانىدا غەرب دۆلەتلىرىنىڭ مۇساپىرلار توغرىسىدا تۈركىيەگە بەرگەن ۋەدىسىدە تۇرۇشى لازىملىقىنى تەكىتلەپ، «بىخەتەر رايون بولمىسا، يوللارنى ئېچىۋېتىشكە مەجبۇر بولۇپ قالىمىز. ياردەم قىلىدىغان بولساڭلار قىلىڭلار، قىلمايدىغان بولساڭلار، يوللارنى ئېچىۋېتىشكە مەجبۇر بولۇپ قالىمىز. بۇ يۈكنى يالغۇز بىزلا كۆتۈرەمدۇق؟ بىز مېھمان قىلىۋاتقان مۇساپىرلارنىڭ يۈكىنى تەڭ كۆتۈرۈش مەسىلىسىدە باشتا ياۋروپا ئىتتىپاقى بولۇپ دۇنيادىن تېگىشلىك ياردەمنى ئالالمىدۇق. ئېلىش ئۈچۈن بۇنى قىلىش (ئىشىكلەرنى ئېچىۋېتىش) قا مەجبۇر بولۇپ قېلىشىمىز مۇمكىن» دېدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، «سېنتەبىرنىڭ ئاخىرقى ھەپتىسىگىچە فىرات دەرياسىنىڭ شەرقىدە بىخەتەر رايون تەسىس قىلىشنى ئۆزىمىز خالىغان شەكىلدە رەسمىي باشلاش ئىرادىمىز قەتئىي» دېدى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «نىشانىمىز سۈرىيەلىك قېرىنداشلىرىمىزدىن كەم دېگەندە 1 مىليونى بىز 450 كىلومېتىرلىق چېگرا بويىدا بەرپا قىلىدىغان بىخەتەر رايونىدا ياشىماقتا» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر