ئەردوغان تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي ئېشىش پىلانىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 2020-يىلى ئىقتىسادىي ئېشىش نىسبىتىنى %5 قىلىپ پىلان قىلىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

1263930
ئەردوغان تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي ئېشىش پىلانىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان سىۋاستا ئوتتۇرا ئانادولۇ ئىقتىسادىي مۇنبىرىدە سۆز قىلدى. ئۇ ئېكسپورت مىقدارىنىڭ 36 مىليارد دوللاردىن 170 مىليارد دوللارغا چىققانلىقىنى خاتىرىلىتىپ: «دۆلىتىمىزنى 2023-يىلىدا دۇنيادا ئىقتىسادىي تەرەققىي قىلغان 10 دۆلەتنىڭ بىرىگە ئايلاندۇرۇش يولىدا داغدام قەدەملىرىمىز بىلەن ئىلگىرىلەيمىز» دېدى.

ئۇ ساياھەتچىلىكتىمۇ كۆزگە كۆرۈنەرلىك سەۋىيەدە ئېشىشنىڭ بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ يىل (2019) 52 مىليون ساياھەتچىنىڭ كەلگەنلىكىنى ۋە بۇ رەقەمنىڭ جۇمھۇرىيەت تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ رەقەم ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ جانلىق بازار قۇرۇلمىسى ۋە دۇنيا تەرتىپىگە ماسلىشىش كۈچى بىلەن ئالدىمىزدىكى دەۋرنىڭ ئەڭ گۈللەنگەن ئىقتىسادى بولۇش ھالىغا كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ سودا-سانائەتچىلەر بىلەن يېڭى بازار تېپىش ۋە يېڭى مۇناسىۋەتلەرنى ئورنىتىش ئۈچۈن دۇنيانىڭ ھەممە تەرەپلىرىنى ئايلىنىپ چىققانلىقلىرىنى، ھەم تۈرك ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرگە ھەمدە تۈركىيەگە كەلگەن يەر شارى مەبلەغ سالغۇچىلارغا ھەر تۈرلۈك ياردەملەرنى قىلغانلىقلىرىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«ئىنشائاللاھ ئىقتىسادىمزىنىڭ ئەسلىگە كېلىش مۇساپىسىنى 2019-يىلىدا ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئالدىمىزدىكى يىلدىن باشلاپ يېتىپ كەلگەن نۇقتىمىزدىن ئىقتىسادىي ئېشىشىمىزنى باشلايمىز.»

ئۇ تۈركىيەنىڭ سۈرىيە بىلەن ئىراقتا ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەربىي ھەرىكەتلەر ئارقىلىق چېگرالىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى مۇستەھكەملەۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ يەنە، تۈركىيەنىڭ شەرقىي ئاقدېڭىزدا دۆلەتنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن كۈچلۈك مەيدانىنى نامايان قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر