ئوكتاي ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسىنىڭ ئالىي كومىسسارىنى قوبۇل قىلدى

مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس  فۇئات ئوكتاي تۈنۈگۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار مەھكىمىسىنىڭ ئالىي كومىسسارى فىلىپپو گراندى ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىقىدىكى ھەيئەتنى قوبۇل قىلدى.

1263259
ئوكتاي ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسىنىڭ ئالىي كومىسسارىنى قوبۇل قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىدا ئۇدا بىر سائەت داۋاملاشقان ئۇچرىشىشتا، تۈركىيەدىكى سانى 3.6 مىليوندىن ئاشىدىغان سۈرىيەلىكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆچمەنلەر، مۇساپىرلار ۋە پاناھلىق تىلىگۈچىلەر مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىندى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار مەھكىمىسىنىڭ ئالىي كومىسسارى فىلىپپو گراندى تۈركىيەنىڭ سۈرىيەلىكلەرگە قارىتا ئىشلەۋاتقان خىزمەتلىرى ھەم ھەم بۇ ھەقتە كۆرسىتىۋاتقان تىرىشچانلىقلىرىغا يۇقىرى باھا بېرىدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تۈركىيە ئۆز ئۈستىگە ئالغان مەسئۇلىيەتنىڭ ھەقىقەتەنمۇ ئېغىرلىقىنىڭ ئۆزلىرىگىمۇ بەش قولدەك ئايان ئىكەنلىكىنى، شۇڭا بۇ ھەقتە تۈركىيە بىلەن زىچ ھەمكارلىشىشقا ناھايىتى زور ئەھمىيەت بېرىپ كېلىۋاتقانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس  فۇئات ئوكتاي، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تۈركىيەنىڭ سۈرىيەلىك مۇساپىرلارغا قارىتا ئىشلەۋاتقان خىزمەتلىرى ھەم بۇ ھەقتە كۆرسىتىۋاتقان تىرىشچانلىقلىرىغا يۇقىرى باھا بېرىشىنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى، جۈملىدىن بۇ مەسىلىگە قارىتا تېخىمۇ كۆپ ھەسسە قوشۇشلىرى لازىملىقىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر