تۈركىيە ئامېرىكاغا تەزىيە تىلەكلىرىنى يوللىدى
تۈركىيە جەنۇبىي كالىفورنىيە ئىشتاتى دېڭىز تەۋەلىكىدە بىر كېمىگە ئوت كېتىشى تۇپەيلى جېنىدىن ئايرىلغانلار ئۈچۈن ئامېرىكاغا تەزىيە تىلەكلىرىنى يوللىدى.
1263109
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، سانتا كىرۇز ئارىلى دېڭىز تەۋەلىكىدە بىر كېمىگە ئوت كېتىش تۇپەيلى 25 كىشى ئۆلۈپ، نۇرغۇن كىشىنىڭ يارىدار بولۇشىدىن ئازابلانغانلىقى تىلغا ئېلىندى.
باياناتتا: «ئۇت ئاپىتىدە جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ يېقىن- يورۇقلىرىغا ۋە ئامېرىكا خەلقىگە تەزىيە تىلەكلىرىمىزنى يوللايمىز. يارىدار بولغانلارغا بالدۇرراق شىپالىق تىلەيمىز» دېيىلدى.