دومىنىك جۇمھۇرىيىتى ئەنقەرەدە ئەلچىخانا ئاچتى

دومىنىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەنقەرەدىكى ئەلچىخانىسى چەت ئەللىك دىپلوماتلار، دۆلەت ئەربابلىرى، ئاكادېمىكلار، مەتبۇئات مەنسۇپلىرى ۋە ئالاقىدار مېھمانلارنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن چانقايانىڭ تۆۋەن دىكمەن مەھەللىسىدە ئېچىلدى.

1261704
دومىنىك جۇمھۇرىيىتى ئەنقەرەدە ئەلچىخانا ئاچتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دومىنىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئېلىئاس سېرۇللې، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىدە دومىنىك جۇمھۇرىيىتى ئەلچىخانىسىنى ئېچىش ۋە تىنچلىق دۆلىتى تۈركىيەدە دومىنىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ تۇنجى باش ئەلچىلىكىگە تەيىنلىنىش شەرىپىگە ئېرىشكەنلىكىنى بىلدۈردى.

دومىنىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەنقەرەدىكى ئەلچىخانىسى چەت ئەللىك دىپلوماتلار، دۆلەت ئەربابلىرى، ئاكادېمىكلار، مەتبۇئات مەنسۇپلىرى ۋە ئالاقىدار مېھمانلارنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن چانقايانىڭ تۆۋەن دىكمەن مەھەللىسىدە ئېچىلدى.

باش ئەلچى سېرۇللې ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ، دۆلىتى ۋە دومىنىك خەلقى نامىدىن ئەلچىخانىنىڭ ئېچىلىشىغا ياردەمچى بولغان جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا ۋە تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە سالام بېرىدىغانلىقىنى ۋە مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سەدات ئۆنالمۇ، تۈركىيە ھۆكۈمىتى نامىدىن سېرۇللېنىڭ خىزمەتلىرىگە ئۇتۇق تىلەپ، دومىنىكلىكلەرنىڭ كارىپ رايونىدىكى ئىككىنچى چوڭ دۆلەت ۋە رايون مىقياسىدا كۈچلۈك ئىقتىسادىي كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر