ئەردوغان رۇسىيە زىيارىتىدىن قايتىش جەريانىدا ئايروپىلاندا بايانات ئېلان قىلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەنىڭ ھازىر پۈتۈن چېگرا لېنىيەسىدە ھەربىي ھەرىكەتكە تەييار ھالەتتە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1260624
ئەردوغان رۇسىيە زىيارىتىدىن قايتىش جەريانىدا ئايروپىلاندا بايانات ئېلان قىلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈنۈگۈنكى رۇسىيە زىيارىتىدىن قايتىش ئەسناسىدا ئايروپىلاندا ئېلان قىلغان باياناتىدا، فىرات دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى تېررورلۇقتىن تازىلانغان بىخەتەر رايون ئۈچۈن مۇنبىچتىكىگە ئوخشاش بىر كولدۇرلىتىشقا ھەرگىز يول قويمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئەردوغان يەنە بىر قېتىم ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشقا تەييار ئىكەنلىكى ھەققىدە سېگنال بېرىپ، «ھازىر بۇ ھەرىكەت مەلۇم شەكىلدە داۋاملىشىۋاتىدۇ. بىز تەبىئىيكى ھەرگىز پەرۋازسىزلىق قىلىپ، بىر چەتتە ئولتۇرۇپ قالغىنىمىز يوق. ھازىر پۈتۈن چېگرا لېنىيەسىدە ھەربىي ھەرىكەتكە تەييار ھالەتتەمىز. بارلىق ھەربىي خادىملار، بىرونۇۋىك يۆتكەش ماشىنىلىرىمىز، ھەممىسى چېگرادا. يەنى، ھەرقانداق چاغدا، قانداق ئىشنى قىلالايدىغان ئەھۋالدىمىز» دېدى. 

تۈركىيە ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا بىخەتەر رايون قۇرۇپ چىقىش كېلىشىمىدە ئىلگىرىلەش بولۇۋاتقان بىر پەيتتە، رۇسىيە بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتنىڭ نۇقتىلىق تېمىسى سۇرىيەنىڭ ئىدلىب رايونىدا ئەسەد قىسىملىرىنىڭ ئەۋجىگە چىققان ھۇجۇملىرى بولدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بۇ ھەقتىكى بىئاراملىقىنى رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىنغا يەتكۈزگەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، «ھۆرمەتلىك پۇتىن بۇ مەسلىسىدە بىرلىكتە بولۇش ۋە بىر ھەمكارلىق ئورنىتىشقا ئېھتياج بارلىقىنى تىلغا ئالدى. بىزمۇ ئۇنىڭغا بۇ ھەقتە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ۋە ئىستىخبارات تەشكىلاتلىرىمىزنىڭ ئورتاق خىزمەت قىلالايدىغانلىقىنى بىلدۈردۇق. بىراق بىز بۇ يەردە بىر - بىرىمىزنى ھەرگىزمۇ بىئارام قىلماسلىقىمىز لازىم. بىرلىكتە خىزمەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇش شەرتتۇر» دېدى.

تۈركىيەنىڭ تېررورلۇققا قارشى كۈرەشتىكى قەتئىي ئىرادىسىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىگەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، «بىز تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ھەممىسىگە قارشى كۈرەشتە قەتئىي ئىرادىگە ئىگىمىز. دائېش، پ ي د ي پ گ، ھ ت ش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بىر تەرەپ قىلىنىشى لازىم. بۇ نۇقتىدا ھەرگىز مۇرەسسە قىلمايمىز. 12 كۆزىتىش نۇقتىمىز ئىدلىبتە ئىنتايىن مۇھىم بىر ۋەزىپىنى ئادا قىلماقتا. ۋەزىپىلىرىنى يەنە ئوخشاشلا داۋاملاشتۇرىدۇ» دېدى. 

ئەردوغان بىر كۈنلۈك رۇسىيە زىيارىتىدە «SU-35» ۋە «SU-57» ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىمۇ كۆزدىن كەچۈردى.

ئەردوغان: «بىز بۇ يەرگە بېكارغا كەلمىدۇق. يەنى بىز <ئەجابا بۇ بولمىسا قانداق بولار؟> دەيدىغان ئەندىشىلەرنى قىلىپ يۈرمەيمىز. ھەممە ئىش بولىدۇ. بىز بارالايدىغان بازارلار كۆپ» دېدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر