ئەردوغان بىلەن پۇتىننىڭ كۆرۈشۈشى باشلاندى

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن بولغان كۆرۈشۈشى باشلاندى.

1259540
ئەردوغان بىلەن پۇتىننىڭ كۆرۈشۈشى باشلاندى
erdogan-putin.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن ژۇكوۋسكى خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىشتىن بۇرۇن قىسقا سۆز قىلدى. رەجەپ تاييىپ ئەردوغان «MAKS-2019» خەلقئارا ئاۋىياتسىيە ۋە ئالەم يەرمەنكىسىنىڭ ئېچىلىشىغا تەكلىپ قىلىنغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، پىرېزىدېنت پۇتىنغا تەشەككۈر ئېيتتى.

ئۇ رۇسىيەنىڭ مۇداپىئە سانائىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلەپچىقىرىشلىرىنى كۆرۈش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «يولۇچىلار ئايروپىلانىدىن ئۇرۇش ئايروپىلانىغىچە ۋە تىك ئۇچارلاردىن پۈتكۈل ئىشلەپچىقىرىش زەنجىرىدىن موتورلارغىچە بولغان ھەممە جەرياننى كۆرۈش پۇرسىتىگە ئېرىشتىم. بۇ نۇقتىدا، مەمنۇنلۇقىمنى بىلدۈرۈشنى خالايمەن. ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ ماھارەتلىرىنىمۇ كۆرۈشكە مۇۋەپپەق بولدۇق، Su-34، Su-35 ۋەSu-57  ئايروپىلانلىرىنىڭ ماھارىتىنى بىرلىكتە كۆردۇق» دېدى.

ئۇ، بۇلار بىلەن بىرلىكتە ئالەم ئىشلىرىغا مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتلارنىڭ تولىمۇ ئەھمىيەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «ئالەم توغرىسىدا ھاسىل قىلىنغان ئىلگىرىلەشلەر، ئىلمىي نۇقتىدا رۇسىيەنىڭ قايسى سەۋىيەگە كەلگەنلىكى نۇقتىسىدىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. تەتقىقاتچىلار بىلەن كۆرۈشتۇق، ئۇلارنىڭ ئالەم سەپىرىگە مۇۋەپپەقىيەت تىلىدۇق» دېدى.

ئۇ پىرېزىدېنت پۇتىن بىلەن ئايرىم ۋە ھەيئەتلەر ئارا ئۆتكۈزۈلىدىغان كۆرۈشۈشلەردە رايونلۇق مەسىلىلەرنىمۇ مۇھاكىمە قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشىدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىنمۇ تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن سەزگۈرلۈككە ئىگە رايونلۇق مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ئىككى رەھبەر سكزىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، ئايرىم كۆرۈشۈشنى باشلىدى ۋە بۇ كۆرۈشۈش 1 سائەت 20 مىنۇت داۋام قىلدى. ئايرىم كۆرۈشۈشتىن كېيىن، ھەيئەتلەر ئارا كۆرۈشۈش باشلاندى. بۇ كۆرۈشۈشتىن كېيىن ئورتاق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى كۈتۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر