چاۋۇشئوغلۇ: سۈرىيەدە تۈركىيە ئەسكەرلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى قەتئىي قوغدىلىدۇ

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ سۈرىيەدە تۈركىيە ئەسكەرلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن نېمە قىلىش كېرەك بولسا شۇنى قىلىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

1255465
چاۋۇشئوغلۇ: سۈرىيەدە تۈركىيە ئەسكەرلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى قەتئىي قوغدىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ سالۋادور تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئالېكساندرا خىل (Alexandra Hill) بىلەن پايتەخت ئەنقەرەدە ئورتاق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ سۆزىدە، تۈنۈگۈن (19-ئاۋغۇست) تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي ئاپتوموبىللىرىغا قىلىنغان ۋە ئۈچ كىشى جېنىدىن ئايرىلىپ، 12 كىشى يارىلانغان ھۇجۇم توغرىسىدا توختالدى.

ئۇ رۇسىيەنىڭ مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلىرى بىلەن ئالاقە قىلغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ: «9-كۆزىتىش نۇقتىسىنى باشقا يەرگە يۆتكەش نىيىتىمىز يوق، ئارمىيە رەھبەرلىرى زۆرۈر تەدبىرلەرنى ئالدى» دېدى.

ئۇ بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنى «ئوت بىلەن ئويناشماسلىق» توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇپ: «ئەسكەرلىرىمىزنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن نېمە قىلىش كېرەك بولسا شۇنى قىلىمىز. ئەمما، ئىشنىڭ چوڭىيىپ ئۇنداق سەۋىيەگە كېلىشىنى خالىمايمىز. دىققىتىمىزنى بالدۇرراق سىياسىي مۇساپىغا مەركەزلەشتۈرۈشىمىز كېرەك. دېمىسىمۇ، سېنتەبىر ئېيىدا تۈركىيە-رۇسىيە-ئىران ئۈچ تەرەپ يىغىنى ئېچىلىدۇ» دېدى.

ئۇ ئامېرىكا بىلەن سۈرىيەدە تەسىس قىلىنىدىغان تىنچلىق كارىدورى ئۈچۈن «ئورتاق ھەرىكەت مەركىزى» خىزمەتلىرى ئۈستىدىمۇ توختالدى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«ئامېرىكادىن مەسئۇل خادىملار كېلىشكە باشلىدى ۋە بۇ داۋاملىشىۋاتىدۇ. ھەر مەسىلىدە كېلىشتۇق دېسەك توغرا بولماس، ئەمما ئوخشىمىغان چۈشەنچىگە ئىگە مەسىلىلەردە مۇزاكىرەلىرىمىزنى داۋام قىلىمىز. بولمىسا فىراتنىڭ شەرقىگە كىرىش توغرىسىدا ئۆزىمىزنىڭ پىلانى بار. بۇ توغرىدا جۇمھۇر رەئىسىمىزنىڭ يوليورۇقى ناھايىتى ئېنىق.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر