تېررورچىلار ماردىندا بىر ئەسكىرىمىزنى شېھىت قىلدى
ماردىننىڭ نۇسايبىن ناھىيەسىدە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزالىرى تەرىپىدىن قىلىنغان ھۇجۇمدا 1 ئەسكەر شېھىت ۋە 2 ئەسكەر يارىدار بولدى.
1247197
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ماردىن ۋالىي مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، نۇسايبىننىڭ چەت ياقىسىدىكى گۈنيۇردۇ مەھەللىسى دىبەك رايونىنىڭ يول قۇرۇلۇشىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداۋاتقان ئەسكەرلەرگە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزالىرىنىڭ ھۇجۇم قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ھۇجۇمدا 1 ئەسكەر شېھىت ۋە 2 ئەسكەر يارىدار بولدى.
يارىدار بولغان ئەسكەرلەر دوختۇرخانىدا بالنېستقا ئېلىندى.
رايوندا كەڭ دائىرىلىك ھەربىي ھەرىكەت باشلىتىلدى.