ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تۈركىيەدىكى ئاتا يۈرتى چانكىرىغا تەكلىپ قىلىندى

چانكىرى ئۇنىۋېرسىتېتى مۇدىرى پىروفېسسور دوكتور ھەسەن ئايرانچى ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بورىس جونسونغا مەكتۇپ يوللاپ، ئۇىنىۋېرسىتېتنىڭ ئاكادېمىك يىلى ئېچىلىش مۇراسىمىغا تەكلىپ قىلدى.

1244617
ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تۈركىيەدىكى ئاتا يۈرتى چانكىرىغا تەكلىپ قىلىندى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پىروفېسسور دوكتور ھەسەن ئايرانچى مەكتۇبىدا، چانكىرى كۈلتۈرىدە ئومۇملاشقان «يارەن» دېگەن ئۇقۇمنى ئىزاھلاپ، «يارەن» نىڭ لۇغەت مەنىسىنىڭ دوستلۇق ۋە قېرىنداشلىقنى بىلدۈرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

مەكتۇپتا «يارەن كۈلتۈرى» نىڭ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە، ئانادولۇ كەلتۈرىنىڭ ئاساسلىرىدىن بىرسى ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان پىروفېسسور دوكتور ھەسەن ئايرانچى، مەبلەغ كۈچى ئىنسانلارنى، كۈلتۈرلەرنى ۋە ئوخشىماسلىقلارنى يوقۇتۇپ تاشلاپ، بىر خىللا مودېللاشتۇرۇشلارنى ئوتتۇرىغا چىقارغان ھازىرقى دەۋردە قەدىمىي ئەنئەنىلەرنى ۋە ئادىمىيلىك ئالاھىدىلىكلىرىنى قوغداشنى تەلەپ قىلدى.

ھەسەن ئايرانچى تۆۋەن سالاھىيەتتىكى خەلقلەرنىڭ ھىمايە قىلىنىشى ئۈچۈن بورىس جونسوننىڭ تۈركىيەنى قوللاپ قۇۋەتلىشىنى تەلەپ قىلغان مەكتۇبىدا يەنە، تۈركىيە ئۇنىۋېرسىتېتلىرىنىڭ بولۇپمۇ چانكىرى كاراتەكىن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ، ئەسەرلىرىنىڭ شۇنداقلا مەنبە خاراكتېرلىق ئەسەرلىرىنىڭ ئەنگلىيەنىڭ ئىلمىي ئەسەرلىرى بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئاكادېمىك ۋە كۈلتۈر مۇناسۋەتلىرىگە زور ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھەسەن ئايرانچى جونسوننىڭ يېڭى ۋەزىپىسىنىڭ تۈركىيە ئەنگلىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تەرققىياتىغا ۋە يېڭى ئاكادېمىك ھەمكارلىقلارغا ۋەسىلە بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

باش ۋەزىر بورىس جونسونغا چانكىرىغا خاس بەزى ھەدىيەلەرنى قوشۇپ يوللىغان ھەسەن ئايرانچى، ئۇنى چانكىرى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاكادېمىك يىلى ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىشقا ھەمدە بۇ مۇراسىمدا مۇسۇلمان دۆلەتلەرگە خىتاب قىلىشقا چاقىردى.

بورىس جونسوننىڭ بوۋىلىرى چانكىرىدا ياشىغان بولۇپ، ئۇنىڭ دادىسى ستانلېي جونسون ئوسمانلى ئىمپرىيەسى مەزگىلىدە داخىلىي نازىرى (يەنى، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى) بولغان ئەلى كامال ئەپەندىنىڭ نوۋرىسى ئىدى. شۇڭا بورىس جونسونمۇ تۈركىيەدە «ئوسمانلىنىڭ ئەۋلادى» دەپمۇ بىلىنىدۇ.  

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر