بىر تەرەپ قىلىنغان تېررورچىلارنىڭ سانى بارغانسېرى كۆپەيمەكتە
تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئىراقنىڭ شىمالىدا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان « ھەربىي ھەرىكىتى» جەريانىدا بىر تەرەپ قىلىنغان تېررورچىلارنىڭ سانى 72 گە يەتتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئىراقنىڭ شىمالىدىكى ھاقۇرۇق رايونىدا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان «<پەنچە> ھەربىي ھەرىكىتى» جەريانىدا بىر تەرەپ قىلىنغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك تېررورچىلىرىنىڭ سانى 72 گە يەتكەن. «<پەنچە> ھەربىي ھەرىكىتى» بىلەن ماس قەدەمدە ئىراقنىڭ شىمالىدىكى مەتىنا رايونىغا ئېلىپ بېرىلغان ھاۋا ھۇجۇمىدىمۇ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك تېررورچىلىرىدىن 4 ى بىر تەرەپ قىلىنغان، ېررورچىلارتەرىپىدىن قورال - ياراغ، ئوق – دورا ۋە قورال - ياراغ ئىسكىلاتلىرى سۈپىتىدە ئىشلىتىلىۋاتقان نىشانلاار يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىلگەن.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيەنىڭ ئاۋىياتسىيە ساھەسى مۇلازىمىتىدە رېكورت يارىتىلدى
ئاپرېل ئېيىدا تۈركىيە مىقياسىدىكى ئايرودۇرۇملاردا 18 مىليونغا يېقىن يولۇچى توشۇلدى.
ئەزەربەيجان باش مىنىستىرى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولماقتا
ئەزەربەيجان باش مىنىستىرى ئەلى ئەسەدوف تۈركىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولماقتا.