ئەردوغان ماخاتىر بىلەن كۆرۈشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان مالايشىيا باش مىنىستىرى ماخاتىر مۇھەممەد بىلەن كۆرۈشتى.

1242880
ئەردوغان ماخاتىر بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان پايتەخت ئەنقەرەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇۋاتقان مالايشىيا باش مىنىستىرى ماخاتىر مۇھەممەد بىلەن ئېلىپ بارغان ئايرىم ۋە ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىشلاردىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئالدىنقى كۈنىدىكى ئۇچرىشىشلاردا، د – 8 گۇرۇھى ئەزاسى ئىككى ئىستىراتېگىيەلىك ھەمراھ دۆلەت بولغان تۈركىيە بىلەن مالايشىيانىڭ ھەمكارلىقنى يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزۈش ھەققىدە مۇزاكىرىلەرنى ئېلىپ بارغانلىقلىرىنى، مالايشىيانىڭ ئىستانبۇلدا باش كونسۇلخانا ئېچىشنى قارارلاشتۇرغانلىقىنى، بۇنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يەنىمۇ تەرەققىي قىلىشىدا مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، فىلىپپىن، تايلاند، مالايشىيا، ھىندونېزىيە ۋە سىنگاپور قاتارلىق شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن بولغان دىيالوگ ھەمراھلىقى دائىرىسىدە مالايشىياغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «پەلەستىن داۋاسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان روھىڭيا كىرىزىسى ۋە ئىسلام دۈشمەنلىكى قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ ئالدىدا ئورتاق پوزىتسىيە تۇتۇۋاتىمىز. بۇ ھەقتە مالايشىيا بىلەن ھەمكارلىقىمىزنى يەنىمۇ كۈچەيتىمىز. ماخاتىر ئەپەندىمنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى سەۋىيەسىدە ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن تۈركىيە – مالايشىيا – پاكىستان ئۈچ تەرەپ ھەمكارلىق مىخانىزمى باسقۇچىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىزچىل قوللاپ كېلىۋاتىمىز. شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتىمەنكى، تۈركىيە – مالايشىيا ئوتتۇرىسىدا سودا ساھەسىدە پايدىلىنىشقا تېگىشلىك پۈتمەس - تۈگىمەس پۇرسەتلەر باردۇر.»

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ھارپىسىدا، مالايشىيا باش مىنىستىرى ماخاتىرغا جۇمھۇرىيەت ئوردېنى تەقدىم قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر