نىگېرىيەدە تۇتۇپ كېتىلگەن تۈركىيە پۇقرالىرىنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر ئېلىندى

نىگېرىيەنىڭ جەنۇبىدا تۇتۇپ كېتىلگەن تۆت تۈركىيە پۇقراسىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىدىن خەۋەر ئېلىندى.

1241654
نىگېرىيەدە تۇتۇپ كېتىلگەن تۈركىيە پۇقرالىرىنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر ئېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىگېرىيەنىڭ جەنۇبىدا تۇتۇپ كېتىلگەن تۆت تۈركىيە پۇقراسىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىدىن خەۋەر ئېلىندى.

نىگېرىيەنىڭ كۋارا ئىشتاتىدا 19-ئىيۇل (جۈمە) كەچتە تۆت تۈركىيە پۇقراسى، كىملىكى نامەلۇم شەخسلەر تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن ئىدى.

پۇل ئۈندۈرۈۋېلىش ئۈچۈن تۇتۇپ كېتىلگەنلىكى ئەسكەرتىلگەن تۈركىيە پۇقرالىرىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن مۇھىم خىزمەتلەرنىڭ ئىشلىنىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

نىگېرىيەدە قوراللىق نامەلۇم كىشىلەر بۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ 18 تۈركىيە پۇقراسى بار بىر پاراخوتقا ھۇجۇم قىلىپ، 10 تۈركىيە پۇقراسىنى تۇتۇپ كەتكەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر