تۈركىيە ياپونىيەگە تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە، خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنى باش دىرېكتورى يۇكىيا ئامانونىڭ ۋاپاتى مۇناسىۋىتى بىلەن ياپونىيەگە تەزىيە بىلدۈردى.

1241047
تۈركىيە ياپونىيەگە تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، «ۋەزىپە ئۆتەش جەريانىدا دۆلىتىمىز بىلەن بولغان يېقىن ھەمكارلىقنى داۋاملاشتۇرغان باش دىرېكتور ئامانونىڭ ۋاپاتى مۇناسىۋىتى بىلەن يېقىن – يۇرۇقلىرىغا، ياپونىيە ھۆكۈمىتىگە ۋە خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنى مەنسۇپلىرىغا تەزىيە بىلدۈرىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

10 يىلدىن بۇيان خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنىنىڭ باشلىقى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتەپ كېلىۋاتقان ياپونىيەلىك دىپلومات يۇكىيا ئامانو 72 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەنىدى.

دىرېكتورلۇق ۋەزىپىسىنى 2009 – يىلى ئۈستىگە ئالغان يۇكىيا ئامانو، خىزمىتى جەريانىدا بولۇپمۇ ئىراننىڭ يادرو پائالىيەتلىرى باشتا بولۇپ شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو پائالىيەتلىرى ۋە ياپونىيەدە 2011 – يىلى يۈز بەرگەن فۇكۇشىما يادرو پالاكىتىگە ئوخشاش مۇھىم سىناقلارنى باشتىن كەچۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر