ترابلۇستىكى تۈركىيە ئەلچىخانىسى ئەلچىخانىنىڭ تارقاقلاشتۇرۇلغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى رەت قىلدى

تۈركىيەنىڭ تىرابلۇستىكى ئەلچىخانىسى، ئەلچىخانا بىناسىنىڭ تارقاقلاشتۇرۇلغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاساسسىز ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

1240868
ترابلۇستىكى تۈركىيە ئەلچىخانىسى ئەلچىخانىنىڭ تارقاقلاشتۇرۇلغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى رەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لىۋىيەنىڭ پايتەختى تىرابلۇستىكى تۈركىيە ئەلچىخانىسى فەيسبۇكتىكى ئادرېسى ئارقىلىق بايانات ئېلان قىلىپ، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى بەزى ئەرەبچە ئۇچۇرلاردا ئەلچىخانا خادىملىرىنىڭ تارقاقلاشتۇرۇلغانلىقى توغرىسىدا بىر قىسىم ئاساسسىز شۇنداقلا غەرەزلىك خەۋەرلەرنىڭ ئورۇن ئالغانلىقىنى، ترابلۇستىكى تۈركىيە ئەلچىخانىسىنىڭ خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى، تۈركىيەنىڭ لىۋىيە خەلقى بىلەن ھەمكارلىق ئىچىدە ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر