شىمالىي ئىراقتا نۇرغۇن تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئىراقنىڭ شىمالىدىكى ئاۋاشىن – باسيان رايونىغا ئېلىپ بارغان ھاۋا ھۇجۇمىدا 8 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

1241015
شىمالىي ئىراقتا نۇرغۇن تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئىراقنىڭ شىمالىدىكى ئاۋاشىن – باسيان رايونىغا ئېلىپ بارغان ھاۋا ھۇجۇمىدا، بۇ رايوندىن  تۈركىيە قىسىملىرىنىڭ ھەربىي بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقان 8 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىنغان، تېررورچىلارنىڭ رايوندىكى پاناھ جايلىرى، قورال - ياراغ ھەم ئوق - دورا ئىسكىلاتلىرى يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىلگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر