«س - 400 » قاچىلانغان 16 – ئايروپىلان ئەنقەرەگە كەلدى
تۈركىيە رۇسىيەدىن سېتىۋالغان «400 - س» باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسى قاچىلانغان 16 – يۈك ئايروپىلانى پايتەخت ئەنقەرەدىكى مۇرتەد ئايرودۇرۇمىغا قوندى.
1238216
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «400 - س» باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسىنى تۈركىيەگە تاپشۇرۇپ بېرىش باسقۇچى 7 – كۈنىگە قەدەم قويغاندا پىلان بويىچە داۋاملاشماقتا. بۇ دائىرىدە «400 - س» باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسى قاچىلانغان 15 – يۈك ئايروپىلانى پايتەخت ئەنقەرەدىكى مۇرتەد ئايرودۇرۇمىغا قوندى.
سىستېمىنىڭ پارچىلىرى مۇرتەد ئايرودۇرۇمىدىكى مەخسۇس ئايروپىلان ئىسكىلاتىدا ئالاھىدە قوغدالماقتا.
«400 - س» باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسىنى تۈركىيەگە تاپشۇرۇپ بېرىش خىزمىتى ئۈچ باسقۇچتا تاماملىنىدۇ.
سىستېمىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا قىسمى دېڭىز يولى ئارقىلىق كەلتۈرۈلىدۇ. پارچىلار قۇراشتۇرۇلغاندىن كېيىن ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان جايغا ئەۋەتىلىدۇ.