ئىراقتا ھۇجۇم يۈز بېرىپ، 1  تۈرك دىپلومات شېھىت بولدى

ئىراقنىڭ شىمالىدىكى ئەربىل شەھىرىدە تۈركىيە كونسۇلخانىسى خادىملىرىمۇ بار بولغان بىر رېستوراندا قوراللىق ھۇجۇم يۈز بېرىپ، بىر تۈرك دىپلومات شېھىت بولدى.

1237368
ئىراقتا ھۇجۇم يۈز بېرىپ، 1  تۈرك دىپلومات شېھىت بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەلۇماتلارغا قارىغاندا،  ھۇجۇمدا بىر كىشى يارىلانغان. ۋەقەدىن كېيىن نەق مەيدانغا كۆپ ساندا دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى ئەۋەتىلگەن، ھۇجۇمنى ئېلىپ بارغان تېررورچى بىر تەرەپ قىلىنغان.

بەزى مەنبەلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، زوراۋان ياكى زوراۋانلار ۋەقەدىن كېيىن قېچىپ كەتكەن، شۇڭا ئەربىل شەھىرىنىڭ بارلىق ئېغىزلىرى تاقالغان.

رېستوران ساھىبىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۈركىيە كونسۇلخانىسى خادىملىرى ئىچكىرى كىرگەندىن كېيىن پۇقراچە كىيىنگەن ۋە ئىككى قورالنى كۆتۈرۈۋالغان زوراۋان بىۋاسىتە كونسۇلخانا خادىملىرىغا ئوق چىقارغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر