ئەردوغان: ھەربىي ئىسيان قوزغىغۇچىلار مەقسىتىگە يېتەلمىدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ھەربىي ئىسيان قوزغىغۇچىلارنىڭ مەقسىتىگە يېتەلمىگەنلىكىنى ئېيتتى.

1236176
ئەردوغان: ھەربىي ئىسيان قوزغىغۇچىلار مەقسىتىگە يېتەلمىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشىنىڭ 3 – يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىستانبۇلدىكى  ئاتاتۈرك ئايرودۇرۇمىدا ئۆتكۈزۈلگەن «15 – ئىيۇل  دېموكراتىيە ۋە مىللىي بىرلىك كۈنى ئۇچرىشىشى» دا خەلققە خىتاب قىلغاندا، مۇنداق دېدى: «ھەرقانداق بىر خىيانەت تورىنىڭ، ھېچقانداق بىر تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ بىزنىڭ مەڭگۈ يىمىرىلمەس بىرلىكىمىز ۋە قېرىنداشلىىقىمىزنى بۇزۇشقا ئەسلا كۈچى يەتمەيدۇ. دەرۋەقە، ھەرقانداق بىر ھەربىي ئىسيان قوزغىغۇچىلار ياكى ھەربىي ئىسيان قوزغاشقا ئۇرۇنغۇچىلار ئەسلا مەقسىتىگە يېتەلمىدى. خۇدايىم بۇيرىسا، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ھەرگىز يېتەلمەيدۇ. 2016 – يىلى 15 – ئىيۇل كېچىسى ھەربىي ئىسيان قوزغاپ، تۈركىيەنى قاراڭغۇلۇقتا كۆمۈۋەتمەكچى بولغانلارمۇ مەقسىتىگە يېتەلمىدى. شۇ قاراڭغۇ كېچىگە تەسلىم بولمىغان ئەزىز خەلقىمدىن ئىنتايىن مىننەتدارمەن. بىز ئىمانىمىزغا، تارىخىمىزغا، مەدەنىيىتىمىزگە ۋە ئەۋلادلىرىمىزغا ساھىب چىقىدىغانلا بولساق، دۆلىتىمىزنى ئىشغال قىلىشقا ھېچكىم پېتىنالمايدۇ. ھەممىگە مەلۇمكى، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ  كۈرەش قىلىپ، غەلىبىسېرى ئالغان ئىلگىرىلەۋاتىمىز. شۇڭا بۇ دۆلەتنى ئىشغال قىلىشقا ھېچكىمنىڭ كۈچى يەتمەيدۇ، ئەزىز خەلقىىمىزنى قۇل قىلىشقا ھېچكىمنىڭ قۇدرىتى يەتمەيدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر