تۈركىيەنىڭ مۇسۇل كونسولخانىسى پات يېقىندا ئىش باشلايدۇ

تۈركىيەنىڭ مۇسۇل كونسولخانىسى پات يېقىندا قايتىدىن ئىش باشلايدۇ.

1235620
تۈركىيەنىڭ مۇسۇل كونسولخانىسى پات يېقىندا ئىش باشلايدۇ
Fatih Yildiz-Mansur el-Marid.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ باغدادتا تۇرۇشلۇق ئەلچىسى فاتىھ يىلدىز، مۇسۇل كونسولخانىسىنىڭ پات يېقىندا ئىش باشلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىراقنىڭ مۇسۇل شەھىرىدە ئۇچرىشىشلار ئېلىپ بارغان ئەلچى يىلدىز مۇسۇل ۋىلايەتلىك مەجلىسى، مۇسۇل ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە مۇسۇل سودا-سانائەتچىلەر ئۇيۇشمىسى قاتارلىق ئورۇنلارنى زىيارەت قىلدى.

ئەلچى يىلدىز مۇسۇل ۋالىي مەھكىمىسى بىناسىدا ۋالىي مەنسۇر ئەل مارىد بىلەن قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

مۇسۇل بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا تارىخىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتلەردە چوڭقۇر مۇناسىۋەت بارلىقىنى ئېيتقان ئەلچى يىلدىز، مۇسۇلدىكى يەرلىك ئورۇنلار بىلەن قاتناش، مەبلەغ ۋە سودا قاتارلىق ساھەلەردە ھەمكارلىق ئورنىتىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ئەلچى يىلدىز مۇسۇلنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئاساسىي قۇرۇلۇش خىزمەتلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشى لازىملىقىنى ئېيتتى.

تۈركىيەنىڭ مۇسۇل كونسولخانىسىنىڭ قايتىدىن ئىش باشلىشى ئۈچۈن ئىراق مەركەز ھاكىمىيىتىدىن  بۇ يىل ئىيۇندا رۇخسەت ئالغانلىقىنى ئېيتقان يىلدىز: مۇسۇل كونسولخانىسى پات يېقىندا ئىش باشلايدۇ، دېدى.

فاتىھ يىلدىز مۇسۇلغا قاراشلىق سىنجاردىكى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا قارشى زەربە بېرىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ جەھەتتە يەرلىك ئورۇنلارنىڭ تۈركىيە ئارمىيەسىگە يېقىندىن ماسلىشىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.


خەتكۈچ: #تۈركىيە

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر