تۈركىيە ئارمىيەسى تېررورچىلارغا ئەجەللىك زەربە بەردى
تۈركىيە ئارمىيەسى بىنگۆلنىڭ يايلادەرە ناھىيەسىدە ئېلىپ بارغان ھەربىي ھەرىكىتى داۋامىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك تېررورچىلىرىغا ئائىت 3 ھۇجرىلىق پاناھ جاينى يەر بىلەن يەكسان قىلىۋەتتى.
1230875
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىنگۆل ۋالىي مەھكىمىسى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، تۈركىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن يايلادەرە ناھىيەسىدە ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەت داۋامىدا، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك تېررورچىلىرىغا ئائىت 3 ھۇجرىلىق پاناھ جاي يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، قول بومبىسى، پارتلاتقۇچ ۋە تۇرمۇش بۇيۇملىرى قولغا چۈشۈرۈلۈپ، دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغان.