تۈركىيە: «س - 400 » باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىنى ئاكتىپ ھالدا ئىشلىتىمىز

جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن تۈركىيە رۇسىيەدىن سېتىۋالىدىغان «س - 400 » باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىنىڭ پات يېقىندا تاپشۇرۇپ بېرىلىشكە باشلىنىدىغانلىقىنى ۋە ئاكتىپ ھالدا ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1230538
تۈركىيە: «س - 400 » باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىنى ئاكتىپ ھالدا ئىشلىتىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قالىن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رىياسەتچىلىكىدە پايتەخت ئەنقەرەدە چاقىرىلغان مىنىستىرلار كېڭىشى داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى: «<400 – س> باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ بىخەتەرلىك سىستېمىلىرىغا تەھدىت سالىدىغان ياكى تەھدىت شەكىللەندۈرىدىغان بىر مۇداپىئە سىستېمىسى ئەمەستۇر. <400 – س> باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسىنى قەيەرگە ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسىدە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىمىز، ھاۋا ئارمىيەسى قوماندانلىق ئىشتابىمىز ۋە ھەرقايسى قىسىملىرىمىزنىڭ قوماندانلىرى بىرلىكتە خىزمەت ئىشلەۋاتىدۇ.»

سۈرىيە مەسىلىسىدە ئىلگىرىمۇ ئاستانا باسقۇچى دائىرىسىدە تۈركىيە، رۇسىيە ۋە ئىران قاتارلىق دۆلەتلەر تەرىپىدىن ئىشقا ئاشۇرۇلغان ئۈچ تەرەپ ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنىنىڭ كېلەر قېتىملىقىنىڭ ئاۋغۇستتا جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ساھىبخانىلىقىدا تۈركىيەدە چاقىرىشنى پىلانلاۋاتقانلىقلىرىنى ئەسكەرتكەن قالىن، يىغىننىڭ ۋاقتى توغرۇلۇق خىزمەت ئىشلەۋاتقانلىقلىرىنى، يىغىندا سۈرىيە مەسىلىسىنىڭ تەپسىلىي مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۆكتەبىر ئېيىدا تۈركىيە، رۇسىيە، گېرمانىيە ۋە فىرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئىشتىراك قىلىشىدا ئىستانبۇلدا چاقىرىلغان تۆت تەرەپ ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنىنىڭ كېلەر قېتىملىقىنىڭمۇ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ساھىبخانىلىقىدا تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلۈشى توغرۇلۇق 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىدا مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرىنىڭ ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلغانلىقىنى ئېيتقان قالىن، ھەر ئىككى يىغىننىڭ ئاساسلىق كۈنتەرتىپ ماددىلىرىنى، سۈرىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايونلۇق بىخەتەرلىك مەسىلىلىرى تەشكىل قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر