تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتىدىن يېڭىچە ساياھەت مۇلازىمىتى
تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى يولۇچىلىرىغا يېڭىچە ساياھەت مۇلازىمىتىنى يولغا قويدى.
1230217
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى Versace بىلەن Mandarina Duck تەرىپىدىن ئالاھىدە تۈزۈپ چىقىلغان مۇلازىمەت پىلانىنى يولۇچىلار ئۈچۈن يولغا قويۇشقا باشلىدى. شىركەت، سەپەر ئۈستىدە يولۇچىلار ئېھتىياجلىق بولىدىغان پايپاق، قۇلاق پۇرۇپكىسى، ئىلغار كۆز توسقۇچ، ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى، چاچ قىسقۇچ قاتارلىقلارنى مۇلازىمەت پىروگراممىسىغا ئىلاۋە قىلدى.