ئەردوغان ياپونىيە ئىمپېراتورى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيە بىلەن ياپونىيە ئوتتۇرىسىدىكى 150 يىلغا يېقىنلاشقان دوستلۇق مۇناسىۋەتلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەنلىكلىرىنى ئېيتتى.

1228163
ئەردوغان ياپونىيە ئىمپېراتورى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان G20 دۆلەت گۇرۇھى يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ياپونىيەگە يېتىپ باردى ۋە بۇ دائىرىدە تۈرلۈك ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ باردى. ئۇ ياپونىيە ئىمپېراتورى نارۇھىتو بىلەن ئىمپېراتورلۇق سارىيىدا كۆرۈشتى. كۆرۈشۈشتە، ئەمىنە ئەردوغانمۇ ھەمراھ بولدى.

لىبېرال دېموكرات پارتىيەسىنىڭ باش كاتىپى ۋە ياپونىيە-تۈركىيە پارلامېنتلار ئارا دوستلۇق گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى توشىھىرو نىكائى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ شەرىپىگە چۈشلۈك تاماق زىياپىتى بەردى.

ئۇ ئاخباراتقا يېپىق شەكىلدە بېرىلگەن زىياپەتتە سۆز قىلىپ، بۇ قېتىمقى زىيارىتىنىڭ ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ۋە ئۈنۈملۈك بولغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ساھەلەردىلا ئەمەس، بەلكى مەدەنىيەت ۋە بىلىم ساھەلىرىدىمۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا مۇھىم يوشۇرۇن كۈچنىڭ بارلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«ھەممىگە مەلۇم بولغىنىدەك، ياپونىيە بىلەن ئوتتۇرىمىزدىكى ئەڭ ھەل قىلغۇچ لايىھەلەردىن بىرى ئىستانبۇلدا قۇرۇلۇشى پىلان قىلىنغان تۈركىيە-ياپونىيە بىلىم ۋە تېخنولوگىيە ئۇنىۋېرستېتى. بۇ ئۇنىۋېرستېتنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز.»

ئۇ 2019-يىلىنى ياپونىيەدە تۈرك مەدەنىيەت يىلى ئېلان قىلغانلىقلىرىنى خاتىرىلىتىپ، مۇنداق دېدى:

«يىل بويىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان پىروگراممىلار بىلەن تۈركىيەنىڭ مول مەدەنىيەت تەجرىبىلىرىنى ياپونىيەلىك دوستلىرىمىزغا يېقىندىن تونىتىشنى نىشان قىلدۇق.»

ئۇ «خەزىنىلەر ۋە ئوسمانلى ئىمپېراتورلۇقىدا لالە ئەنئەنىسى» ناملىق توپكاپى سارىيى كۆرگەزمىسىنىڭ توكيودا زور قىزىقىش قوزغىغانلىقىدىن خەۋەر تاپقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، 170 مىڭ ياپونىيەلىك سەنئەتخۇمارنىڭ كۆرگەزمىنى زىيارەت قىلىشىنىڭ، تۈركىيە مەدەنىيىتىگە بولغان قىزىقىشنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ توفۇكۇجى ئىبادەتخانىسىدا ئېچىلغان ئارا گۈلەر كۆرگەزمىسىنىڭمۇ زور قىزىقىش قوزغىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ ئاسيانىڭ شەرقىي ۋە غەربىي ئۇچىغا جايلاشقان ياپونىيە بىلەن تۈركىيەنىڭ بىر-بىرىدىن ئۆگىنىدىغان نۇرغۇن نەرسىلەرنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرۈپ: «بىز ئوخشىمايدىغان تىللاردا سۆزلەشسەكمۇ ۋە بىر-بىرىمىزدىن مىڭلارچە كىلومېتىر يىراقلىقتا بولساقمۇ، مەدەنىيەت نۇقتىسىدا نۇرغۇن ئورتاق نۇقتىلىرىمىز بار. ئائىلىگە ئەھمىيەت بېرىش، ھۆرمەت، ئىشچانلىق، جاسارەت، كۈرەش قىلىش روھى، ئىنتىزامچانلىق قاتارلىقلار، بۇ ئورتاق مەنىۋى بايلىقلرىمىزنىڭ بېشىدىن ئورۇن ئالىدۇ» دېدى.

چۈشلۈك تاماق زىياپىتىگە، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، مالىيە مىنىستىرى بەرات ئالبايراك، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىشلىرى مىنىستىرى نۇرى ئەرسوي، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھۇلۇسى ئاكار، سودا مىنىستىرى رۇھسار پەكجان ۋە جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىنىڭ ئۇچۇر –ئالاقە ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇدىرى فاھرەتتىن ئالتۇن قاتارلىقلار قاتناشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر