ئەردوغان: بەزى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى ياپونىيەدە ھازىرمۇ پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك، د ھ ك پ – ج تېررورلۇق تەشكىلاتى ۋە فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ بىر – بىرىدىن ھېچقانداق پەرقى يوقلۇقىنى ئېيتتى.

1227470
ئەردوغان: بەزى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى ياپونىيەدە ھازىرمۇ پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ياپونىيەنىڭ ناگويا بۇنرى ئۇنىۋېرسىتېتى كۈلتۈر مۇنبىرىدە تۈرك جامائەتچىلىكى بىلەن كۆرۈشكەندە سۆز قىلىپ، «ياپونىيەدە فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قاراشلىق مەكتەپلەر، جەمئىيەتلەر ۋە شەخسلەر ھازىرمۇ پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا. بۇ تەشكىلات چەت ئەلدە دۆلىتىمىزگە قارشى كۈچلۈك قارىلاش پائالىيىتى ئېلىپ بارماقتا. كۆزىنى خىرىس، ئۆچمەنلىك ۋە نەپرەت قاپلىۋالغان فەتھۇللاھچىلارنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ ئىناۋىتىگە داغ چۈشۈرۈشىگە يول قويماسلىقىمىز كېرەك. قولى قانلىق بۇ تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى كۈرىشىمىزدە سىلەرنىڭ ياردىمىڭلارنى كۈتمەكتىمىز. پ ك ك  نېمە بولسا، د ھ ك پ – ج نېمە بولسا، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىمۇ ئۇدۇر، بۇلارنىڭ بىر – بىرىدىن ھېچقانداق پەرقى يوقتۇر» دېدى.

ئەردوغان، ياپونىيەنىڭ ناگويا شەھىرىدە كونسۇلخانا ئېچىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

«تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى، ئالدىمىزدىكى يىلنىڭ ئاپرېل ئېيىدىن تارتىپ ئوساكا كانسائى ئايرودۇرۇمىدىن ئىستانبۇلغا قاتناشنى باشلايدۇ» دېگەن ئەردوغان، «ياپونىيە بىلەن ئىجتىمائىي خەۋپسىزلىك كېلىشىمى تۈزۈش توغرىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈۋاتىمىز. بۇ سۆھبەتنىمۇ يېقىندا نەتىجىگە ئېرىشتۈرۈشنى نىشان قىلىۋاتىمىز» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر