پ ك ك غا قارشى ھەربىي ھەرىكەتلەر ئوڭۇشلۇق داۋاملاشماقتا

بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا قارشى مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدا باشلانغان ھەربىي ھەرىكەتلەر مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا داۋام قىلماقتا.

1226350
پ ك ك غا قارشى ھەربىي ھەرىكەتلەر ئوڭۇشلۇق داۋاملاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يېقىنقى بىر ھەپتىدە تۇنجەلىدە ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتتە 11 تېررورىست بىر تەرەپ قىلىندى.

تۇنجەلى ۋالىي مەھكىمىسى ئېلان قىلغان باياناتتا، بىر تەرەپ قىلىنغان تېررورىستلار ئىچىدە تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئاتالمىش يۇقىرى دەرىجىلىك كاتتىباشلىرىنىڭ بارلىقىدىن بېشارەت بېرىلدى.

باياناتتا، تېررورىستلاردىن بىرىنىڭ تېررورلۇق جىنايىتى بىلەن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلىپ تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن قىزغۇچ رەڭلىك كاتېگورىيەدىن ئورۇن ئالغان ۋە يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىگۈچىلەرگە 600 مىڭ لىرا مۇكاپات بېرىلىدىغان تېررورىست ئىكەنلىكى، تۆت تېررورىستنىڭ ئوخشاش تىزىملىكتىكى كۈلرەڭ كاتېگورىيەدىن ئورۇن ئالغان ۋە يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىگۈچىلەرگە 300 مىڭ لىرا مۇكاپات بېرىلىدىغان تېررورىستلار ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.

باياناتتا، ھەربىي ھەرىكەتلەردە تېررورىستلارنىڭ قورال-ياراغ ئىسكىلاتلىرىنىڭ بىتچىت قىلىنغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، پەنجە ھەربىي ھەرىكىتى بىلەن ماس قەدەمدە ئىراقنىڭ شىمالىدا ئېلىپ بېرىلغان ھاۋا ھەرىكەتلىرىدە، ئىككى تېررورىستنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر