ئەنقەرە: تۈركىيەنىڭ ۋە شىمالىي قىبرىسنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىدىن ئەسلا ۋاز كەچمەيمىز

ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى باياناتچىسى ئۆمەر چەلىك ئەنقەرەنىڭ تۈركىيە ۋە شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىدىن ئەسلا ۋاز كەچمەيدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

1225183
ئەنقەرە: تۈركىيەنىڭ ۋە شىمالىي قىبرىسنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىدىن ئەسلا ۋاز كەچمەيمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۆمەر چەلىك پارتىيەسىنىڭ مەركىزىي ئىجرائىيە كومىتېتى يىغىنىدىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، گىرېتسىيە باش مىنىستىرى ئالېكسىس چىپراسنىڭ شەرقىي ئاقدېڭىز مەسىلىسىدە تۈركىيەگە قارىتا خاتا پوزىتسىيە تۇتۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «چىپراس تۈركىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدا سوغۇقچىلىق پەيدا قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. <تۈركىيە قىدىرىپ تەكشۈرۈشكە باشلىغان ھامان ئېغىر بەدەللەرنى تۆلەيدۇ> دېگەندەك بولمىغۇر باياناتلارنى بېرىشتىن ۋاز كېچىلىشى كېرەك. جۇمھۇر رەئىسىمىز رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا قارىتا ھۆرمەت دائىرىسىدىن  چەتنەپ كەتمەيدىغان ئۇسلۇب ئىشلىتىلىشى لازىم، گىرېتسىيە باش مىنىستىرى ئالېكسىس چىپراس تۈركىيەگە تەھدىت سېلىشتىن ۋاز كېچىشى شەرت، دەرۋەقە، تۈركىيە تەھدىتلەردىن قورقۇپ قالىدىغان دۆلەتمۇ ئەمەس. جۈملىدىن، ئەنقەرە تۈركىيە ۋە شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىدىن ئەسلا ۋاز كەچمەيدۇ.»

سۈرىيەدىكى ئىنسانىي تىراگېدىيە توغرۇلۇق توختالغان چەلىك، مۇنداق دېدى: «ئىدلىبتا سۈرىيە ھۆكۈمىتى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلماقتا، بۇنىڭ نەتىجىسىدە 300 مىڭ كىشى ئۆي – ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالدى، رۇسىيەگە بۇ ھەقتىكى پوزىتسىيەمىزنى ئوچۇق - ئاشكارا ھالدا بىلدۈرۈۋاتىمىز، پۈتكۈل خەلقئارا جەمئىيەتنى سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى دەپسەندە قىلىشىغا قارىتا سەزگۈرلۈك بىلەن ھەرىكەت قىلىشقا چاقىرىمىز.»

2018 – يىلى 2 – ئۆكتەبىر كۈنى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىستانبۇل باش كونسۇلخانىسىدا ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈرۈلگەن سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جامال قاشىقچى جىنايىتى توغرىلىقمۇ توختالغان چەلىك، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ جامال قاشىقچى دوكلاتىنى ئوبېيكتىپ تەرىقىسىدە تەييارلىغانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز، شۇڭا، <دوكلات ھەقىقەتكە ئۇيغۇن ھالدا تەييارلانغان> دەپ قارايمىز. دەرۋەقە، بۇ دوكلات جۇمھۇر رەئىسىمىز رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئوتتۇرىغا قويغان ئىرادىنىڭمۇ ئەكس ئېتىشى دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. دوكلاتتا، سەئۇدى ئەرەبىستاندىن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىدىن كەچۈرۈم سورىشى تەلەپ قىلىنغان.  بۇ جىنايەت چوقۇم تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ چىقىلىشى كېرەك.»

رۇسىيەدىن كېلىدىغان «س - 400 » باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىنىڭ قەيەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلىقى توغرىلىقمۇ توختالغان چەلىك، بۇ مەسىلىنىڭ تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ پائالىيەتلىرى دائىرىسىدە بىر تەرەپ قىلىنىدىغانلىقنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر