ئەردوغان ترامپ بىلەن ئايرىم ئۇچرىشىش ئۆتكۈزىدۇ

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، 28-، 29 – ئىيۇن كۈنلىرى ياپونىيەدە چاقىرىلىدىغان 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى جەريانىدا ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن ئايرىم ئۇچرىشىش ئۆتكۈزىدۇ.

1224438
ئەردوغان ترامپ بىلەن ئايرىم ئۇچرىشىش ئۆتكۈزىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقساراينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدارى، دونالد ترامپنىڭ ياپونىيەدىكى پائالىيەت پىروگراممىسى توغرىسىدا دوكلات بەردى؛ ئۇ، ترامپنىڭ ياپونىيەدە 8 دۆلەت لىدىرى بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ بىرىنىڭ ئەردوغان ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئاقساراي ئەمەلدارى دونالد ترامپنىڭ خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن، سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسى شاھزادىسى مۇھەممەد بىن سەلمان، ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابې، ھىندىستان باش مىنىستىر نارېندرا مودى، گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل ۋە ئاۋسترىيە باش مىنىستىرى سكوت موررىسون بىلەنمۇ ئايرىم ئۇچرىشىش ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئەردوغان بىلەن ترامپنىڭ ئۇچرىشىشىدا باشتا س-400 ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرى مەسىلىسى بولۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىدىكى ئاساسىي نۇقتىلارنىڭ كەڭ دائىرىلىك مۇزاكىرە قىلىنىشى كۈتۈلمەكتە.

20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى 28-، 29 – ئىيۇندا ياپونىيەنىڭ ئوساكا شەھىرىدە چاقىرىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر